ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.26

يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كۆپىيىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قورغاس ناھىيسىدە يېڭىدىن ئىككى يۇقۇمدار، ئالامەتسىز يۇقۇمداردىن ئالتە كىشى بايقالغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىدەك رېئاللىق تۈپەيلىدىن ھەقىقى ساننىڭ قانچە ئىكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ۋابانى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇلار ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن چارىلەرنىڭ بىرى «قامال قىلىش ئارقىلىق توسۇش» بولغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇنىڭدا ئاھالىنىڭ سىرت بىلەن بارلىق ئالاقىسى مۇتلەق ئۈزۈپ تاشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن قامال قىلىنغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئېغىر مۈشكۈللۈككە دۇچ كېلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم جايلاردا مۇشۇ تۈپەيلىدىن ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىنىڭ بولغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەكس ئەتكەن ئىدى.

ھازىر قورغاس ناھىيىسىدە قامال تەدبىرىنىڭ ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغانلىقى نامەلۇم بولۇپ، بايقالغان بىمارلارنىڭ باشقىلاردىن ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.