ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-14
Share

تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى دۇنيا بويىچە تېز سۈرئەتتە ئېشىپ مېڭىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانىدا تولۇق كونتروللۇقنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 14-ئاپرېلدىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا شۇ كۈنى يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 89 بولۇپ، بۇلاردىن پەقەت ئۈچ نەپىرى خىتاي تەۋەسىدىن بايقالغان. قالغانلىرى پۈتۈنلەي چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى ئىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ نۆل ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلاردىن ئىزچىل گۇمانلىنىۋاتقان بولۇپ، «بۇ پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن توختاپ قالغان ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېمەكتە ئىكەن.

ئەمما CBS ئاگېنتلىقىنىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتايدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ۋىرۇسنىڭ يۇقىرى دولقۇنىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. خىتايدا ئالامەتسىز بىمارلارنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىشى ھەمدە يېقىنقى مەزگىللەردە بىكار قىلىنغان شەھەرنى قامال قىلىش تەدبىرلىرىدىن كېيىن ۋۇخەندىن زور ساندىكى خىتايلارنىڭ ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن خىتاي شەھەرلىرىدە يەنىلا قورقۇنچ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان چۆلدەرەش مەنزىرىسى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت