ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى يېڭى گۇمانلارنى پەيدا قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.04.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندىن بۇيان خىتايدا يېڭىۋاشتىن يامراۋاتقان تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ ۋەھىمىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا، ئ‍ۇيغۇر دىيارىدا قىسمەن ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ بايقىلىشى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ گۇمانلارغا سەۋەب بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ مىدوڭ رايونىدا ئالامەتسىز ۋىرۇس يۇقۇمدارىدىن ئىككى كىشى بايقالغان. خەۋەردە ئۇلارنىڭ ئەر-ئايال ئىكەنلىكى ھەمدە ھازىر مەخسۇس دوختۇرخانىدا ئايرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى «دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى» قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىۋاتقانلىقى ئ‍ۈچۈن، خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ زادى قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە. ھالبۇكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلار خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە قاتتىق قامال سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بەزى كۆزەتكۈچىلەر مۇشۇ ئەھۋالغا قاراپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ۋە قامال قىلىش تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىگە، بولۇپمۇ ۋىرۇس يۇقۇمى ئېغىر بولغان شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا ئوخشاشلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى لاگېر سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ گەۋدىلىرىدىن بىرى دەل مۇشۇ مىدوڭ رايونىدا بولۇپ، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.