قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە 9 ياشلىق بىر قىز بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.08.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىكى بىر قىزنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى بىر ۋىدىيو تارقالغان.

ۋىدىيودا بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر مەكىت ناھىيە بازىرىدىكى ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئالتىچى قەۋىتىدە 9 ياشلىق بىر قىز بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولىدۇ. پەستە بىر خىتاي ئامانلىق خادىمىنىڭ «ئۆزەڭنى بېسىۋال، نېمە گەپ بولسا بىزگە دە» دېگەن گېپى ئاڭلىنىدۇ، ئۇيغۇردىن بىرسى ئۇنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. ئاندىن بىر خادىم 6-قەۋەتكە چىقىپ، قىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنى كەينىدىن تۇتىۋېلىپ، پەيلىدىن ياندۇرىدۇ، قىز ھۆڭرەپ يىغلايدۇ.

ۋىدىيودىن بۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى بىرەر قېرىندىشىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، يۇقۇم ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن كارانتىنغا سولىنىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. ئەمما بۈگۈنكى ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان پىسخىك ئازابلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ناھايىتى روشەنكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتمۇ-قات سىياسىي ئاپەت ۋە كىرزىسلار ئاتا-ئانىلارغىلا ئەمەس، بالىلارغىمۇ ئېغىر روھىي بېسىم ۋە ئازاب ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بەزىلىرىنى بۇ ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان، ھەتتا ئۆلىۋېلىشنى ئويلايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مىللىي زۇلۇمنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇر بالىلار پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسان بالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرىدۇر. شۇڭا خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى زۆرۈر» دېگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.