ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم قامالىنىڭ ئاياغلاشماسلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.08.27

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئېلىنغان چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە كورونا ۋىرۇسى تارقالدى، دېگەن سەۋەب بىلەن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھازەل 22 مىليون ئاھالىنى ئۆيلىرىگە بەند قىلىۋەتكەنىدى. خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۈرۈمچىدىن مىڭلارچە كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى ۋە بىرمۇ ۋىرۇس يۇقۇمى كۆرۈلمىگەن خوتەن قاتارلىق جايلاردىمۇ قامالنىڭ ئوخشاشلا قاتتىق يۈرگۈزۈلۈشى دىققەت قوزغايدىكەن

ئاۋسترالىيەنىڭ «ABC» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 18-ئىيۇلدىن باشلاپ قامال ئېلان قىلىنغان. يۇقۇملىنىش باشلانغاندىن بۇيان 900 دىن ئارتۇق ۋىرۇس يۇقۇملانغۇچىسى بايقالغان. دائىرىلەر 16-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ۋىرۇس بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچى يوق، دەپ ئېلان قىلغان. بىراق ھازىرغىچە قامال بىكار قىلىنمىغان بولغاچقا ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر رايونلىرىدا كىشىلەر بالكونلىرىغا چىقىپ ۋارقىراپ-جارقىراپ نارازىلىقىنى ئىپادە قىلغان، بەزىلەر «ئىشىكنى ئېچىۋېتىڭلار» دەپ ۋارقىرىغان.

«ABC» قانىلى يەنە بىر غۇلجادا ئولتۇرىدىغان بىر خىتاينىڭ ۋېيبو تورىغا يازغان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى خەۋەر قىلغان «مېنىڭ ئاپام ئۈرۈمچىدىن ئىلىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان 40 كۈن بويىچە كارانتىندا تۇرۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇ يەردە بىرمۇ يۇقۇم ئەھۋالى يوق. شىنجاڭ ئاھالىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن ھۆكۈمىتىمىزدىن تولىمۇ نارازى بولدۇم ۋە ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم. ئۇلار يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىنتايىن ناچار، ئەمما باستۇرۇشقا بەك ماھىر».

ئۇلار يەنە ئۆز خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ۋە بۇ جاينىڭ ئادەتتە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىش ئانچە مۇمكىن بولمايدىغان ئورۇنلۇقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.