ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەۋرەز يوللىرىدىن ئىنسانلارغا يۇقۇدىغان كۆپ خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇس بايقالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەۋرەز يوللىرىدىن ئىنسانلارغا يۇقۇدىغان كۆپ خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇس بايقالغان. مەزكۇر ئۇچۇر 13-سېنتەبىر كۈنى «ئىلىم-پەن كۆرسەتكۈچى» ناملىق بىر تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋىرولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەن رايونلىرىدىكى ئەۋرەز سۈيى يوللىرىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەرنى تەجىربىخانىدا ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ ئەۋرەز يوللىرىدا ئىنسانلارغا يۇقىدىغان كۆپ خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇسلارنى بايقىغان.

خەۋەردە بۇ ھەقتىكى ئانالىزلارنىڭ ئىنسانلارغا يۇقۇدىغان RNA ۋىرۇسلىرىغا مەركەزلەشكەنلىكى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ خىل ۋىرۇسلارنى 10 ئائىلىدە بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەندىن ئالغان 7 ئەۋرەز سۈيى ئەۋرىشكىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل يۇقۇملۇق ۋىرۇسلار بايقالغان.

لېكىن خەۋەردە ئەۋرەز يولىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەردىكى يۇقۇملۇق ۋىرۇس تۈرلىرىنىڭ تەركىبى نىسپىي مۇقىم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەۋرەز يوللىرىدىن ئىنسانلارغا يۇقۇملۇق 30 خىل ۋىرۇس بايقالغان بولۇپ، بۇ 6 ئائىلىدىن تېپىلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت