قورغاستا يېڭى كورونا ۋىرۇس يۇقۇمدارى بايقالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش چىڭىتىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.10.07

ئۇيغۇر دىيارىدا يېڭىۋاشتىن كورونا ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغىغان. 3-ئۆكتەبىر كۈنى كۆكدالا شەھىرىنى مەركەز قىلغان بىڭتۇەن 4-دېۋىزىيەسىدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالغاندىن كېيىن، 5-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە يېڭىدىن ئىككى يۇقۇمدار بايقالغانىدى.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى قورغاس تەۋەسى بويىچە ئاھالىلەرگە كەڭ كۆلەملىك يادرو كىسلاتالىق ۋىرۇس تەكشۈرۈشىنى باشلىۋەتكەن.

قورغاس ۋە ئۇ جايدا تۇرۇشلۇق بىڭتۇەن 4-دېۋىزىيەسىدە 3-نۆۋەتلىك كىسلاتالىق تەكشۈرۈشى تاماملىنىپ، 4-نۆۋەتلىكى باشلانغان. خىتاي خەۋەر ئورگانلىرى بۇ سىناقلاردا ھازىرغىچە يېڭى يۇقۇملانغۇچى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى مەسىلىسىدە يالغان سۆزلەپ كېلىۋاتقانلىقى كۆپ قېتىم مەلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا كۆپلىگەن گۇمانلار ۋە تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.