پۈتكۈل قەشقەر رايونىدا تاجسىمان ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈش باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-26
Share

قەشقەر ئاھالىسى ئىچىدە تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئالامەتسىز بىمارلارنىڭ سانى 138 گە يەتكەنلىكى مەلۇم بولۇش بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتى 26-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بەش مىليونغا يېقىن ئاھالىنى تولۇق تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى باشلىدى.

CNN ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قەشقەردە بايقالغان ئالامەتسىز بىمارلارنىڭ سانى خىتايدا ئۆتكەن يەتتە ئايدىن بۇيان مەلۇم بولغان كۈندىلىك سانى ئەڭ يۇقىرى بولغان يۇقۇم رېكوردى ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە ئۈچ مىليونغا يېقىن كىشى ئۆزىنى تەكشۈرتۈپ بولغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى 600 نەچچە نەپەر تېببىي خادىمنى ياردەم ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىن قەشقەرگە يۆتكىگەن. نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈش سۈرئىتى بويىچە بولغاندا 27-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزىنى تەكشۈرتكەنلەرنىڭ سانى بەش مىليونغا يېقىنلاپ قالىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەردىكى تۇنجى بىمار مەلۇم بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 17 ياشلىق بىر قىز بولۇپ، شۇ جايدىكى بىر يېزىدىن كەلگەن ئىكەن. گەرچە ئۇ قىز ئىشلەۋاتقان زاۋۇتتىكى 800 دەك ئىشچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنفى بولۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، شۇنىڭدەك ئاتا-ئانىسى ئىشلەۋاتقان زاۋۇتتىكى 137 ئىشچىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغان. نۆۋەتتە مۇشۇ يۇقۇم تۈپەيلىدىن تېخى يېقىندا بىكار قىلىنغان شەھەرنى قامال قىلىش تەدبىرلىرى يېڭىۋاشتىن يولغا قويۇلغان. قەشقەرنىڭ سىرت بىلەن بولغان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشى توختىغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنى تەكشۈرتۈش ئۇسۇللىرى خاتالىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بولسا قەشقەرنى پۈتۈنلەي قامال قىلىشتەك بۇ تەدبىرنى «بەكلا چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك» دېمەكتە ئىكەن.

قەشقەردىكى يۇقۇمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى خەۋەرلەردە ئېيتىلغاندىن ‍ئېغىر ئىكەنلىكى قىياس قىلىنىۋاتقانلىقى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى خىتاي چېن چۇەنگو 25-ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەرگە كېلىپ، ۋىرۇس خىزمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.