قەشقەر ۋىلايىتىدە يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە 4 مىليون 750 مىڭ ئادەمگە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-27
Share

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 4 مىليون 750 مىڭ ئادەمگە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. 24-ئۆكتەبىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى زېمىن يېزىسىنىڭ 2-كەنىتىدە 17 ياشلىق بىر قىزدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغاندىن كېيىن پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتى قامال قىلىنىپ، پۇقرالارغا قارىتا ئومۇمىييۈزلۈك يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى يولغا قويۇلغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، 27-ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدە 183 نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 5 نەپىرى رەسمى يۇقۇمدار، قالغان 178 نەپىرى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇمدار ئىكەن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ پارتكوم سەكرىتارى لى لىنيۈ يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ دەسلەپكى ئۇچۇرلارىدا ئاشكلارلىشىچە، ئۆتكەن شەنبە كۈنى بايقالغان 17 ياشلىق تۇنجى يۇقۇمدار قىز زېمىن يېزىسىنىڭ 2-كەنتىدىكى بىر كارخانىدا ئىشلەيدىغان ئىشچى ئىكەن. بۇ ئۇچۇر كۆزەتكۈچىلەردە دەرھال بۇ قىز خىتاي كارخانىسىدا ئىشلەۋاتقان لاگېر تۇتقۇنى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىمۇ، دىگەن سوئال پەيدا قىلغان. دائىرىلەر تۇنجى يۇقۇمدار ئىشلەيدىغان كارخانا ۋە بۇ كارخانىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە تۇنجى يۇقۇمدار قىزنىڭ ۋىرۇسنى كىمدىن يۇقتۇرىۋالغانلىقى يەنە بىر سوئال ئىكەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى زېمىن يېزا 2-كەنتىدە بايقالغان يۇقۇم بىلەن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە تارالغان يۇقۇمنىڭ ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي سەھىيە دائىرىلىرى قەشقەر كوناشەھەردە بايقالغان يۇقۇمنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاشتا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر يۇقۇمنىڭ لاگېر ياكى رايوندىكى كارخانىلارغا تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.