خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر كوناشەھەردە يېڭىدىن 23 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-29
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 28-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر رايونى بويىچە يېڭىدىن 23 كىشىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى تەۋەسىدىن بولۇپ، ھازىرغىچە دىئاگنوز قويۇلغان يۇقۇملانغۇچى 45 نەپەرگە، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچى 138 نەپەرگە يەتكەن.

خەۋەردە كوناشەھەردە يۇقۇم ئەھۋالى بايقالغاندىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ، باشقا ئۆلكىلەردىن ۋە ئاپتونوم رايوندىن مۇتەخەسسسلەر گۇرۇپپىسىنى يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەتتە بۇنداق ئەھۋاللاردا ھېچقاچان ھەقىقىي ئەھۋالنى مەلۇم قىلمىغانلىقتىن ھەقىقىي ۋەزىيەت ھەققىدە كۆپلىگەن گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. كۆپ قىسىم ئانالىزچىلار رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئېلان قىلىنغاندىن كۆپ يۇقىرى، دەپ قارىماقتا.

بۇندىن سىرت يۇقۇم مەنبەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال تۇيۇقسىزلا ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك قەشقەرنى قامال قىلىپ، بارلىق ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىگە بەند قىلغان ئىدى. نۆۋەتتىكى قامال جەريانىدا شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قانداق مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.