ئۇيغۇر رايونىدا ئاھالىلەر كۆپ قېتىم «ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش» كە قاتناشقان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.02.16

«شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى» نىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 2016-يىلدىن تارتىپ ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك «ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش» تىن ئۆتكۈزۈش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلار جەمئىي 87 مىليون 473 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. ئۆتكەن يىلقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلار 16 مىليون 2311 ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا بۇ مەلۇماتلار خىزمەت نەتىجىسى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، «كېسەلنى ۋاقتىدا بايقاش، ۋاقتىدا داۋالاش» ئۈچۈن ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكى قەرەللىك تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ تەكشۈرۈشلەر ئۈچۈنلا 6 مىليارد 751 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنغانلىقى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ناھايىتى كۆپ ئىنساننى مەنبە ئورنىدا پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. روشەنكى، خىتاينىڭ بۇ رايوندا «ساغلاملىقنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ» تۇرۇشى ھەرگىز ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق تەكشۈرۈشى جەريانىدا ئۇلارنىڭ قېنىنى يىغىش، قان ئەۋرىشكىسىنى توپلاش، DNA ئۇچۇرلىرىنى ساقلاش، ئورگان ئەتكەسچىلىكى ئۈچۈن ئارخىپ تۇرغۇزۇش، ئومۇمەن ئۇلارنى تولۇق كونترول قىلىشقا، باستۇرۇشقا ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا پايدىلىنىشقا كېرەكلىك بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر. خىتاينىڭ بۇ شۇم پىلانى ھازىر ھېچكىمگە سىر ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.