ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا يۇقۇملانغان يۇقۇمدارلار 65 كە يەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ تونۇلغان يۇقۇملۇق نەپەس يولى ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغان يۇقۇمدارلارنىڭ 65 كە يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە سالامەتلىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر رايوندا 13-فېۋرال كۈنى يەنە 2 نەپەر يېڭى يۇقۇمدار بايقالغان. بۇنىڭ بىلەن رايوندا بايقالغان ئومۇمىي يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 65 كە يەتكەن.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ رايوندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى تولۇق ئېلان قىلمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر خەلقئارانىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى قوزغاشتىن ئەندىشە قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرماقتا ئىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ مەزكۇر رايونغا تارقىلىشى بەزى خەلقئارا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىدە ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىش ئەندىشىسىنى قوزغاپ، خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-سالامەتلىك كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە پۈتكۈل رايون مىقياسىدا گۇمان بىلەن كارانتىنغا ئېلىنغان يۇقۇمدارلار 4622 نەپەر ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى بىلەن ئىلى ئوبلاستى يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر، يۇقۇمدارلار ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون ھېسابلىنىدۇ. 

13‏-فېۋرال كۈنى ئىلى ئوبلاستىدا بايقالغان يۇقۇمدارلار سانى ئۈرۈمچىدىن ئېشىپ كەتكەن. دائىرىلەر يۇقۇمدارلارنىڭ 23 نەپىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە، 24 نەپىرىنىڭ ئىلى ئوبلاستىدا، قالغانلىرىنىڭ بورتالا ئاقسۇ، تۇرپان، سانجى قاتارلىق جايلاردا بايقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئوبلاستىدا بايقالغان 24 نەپەر يۇقۇمدار غۇلجىدىكى 4‏-دېۋىزىيەدىن بايقالغان 10 يۇقۇمدارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. 13‏-فېۋرال مەزكۇر رايوندا تۇنجى قېتىم بىر كىشى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا ئۆلگەن. يەرلىك دائىرىلەر ئۆلگۈچىنىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى 80 ياشلىق بىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە، خىتايدا مەزكۇر ۋىرۇستا يۇقۇملانغانلار ۋە ئۆلگەنلەر داۋاملىق كۆپەيمەكتە. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 14‏-فېۋرال ئېلان قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا ئۆلگەنلەر 1380 گە، يۇقۇمدارلار 63 مىڭغا يېتىپ بارغان. بۇنىڭ ئىچىدە 1700 نەپەر تېببىي خادىمى يۇقۇملىنىپ، ئاز دېگەندە 6 سى ئۆلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت