خىتاي ساياھەتچىلەر قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ھەقسىز بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئەگەر بۇ رايونلارغا ساياھەتكە كەلسە، ھەقسىز شەخسىي بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

شاڭخەيدىكى «ئازادلىق گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى ۋىلايەت ئوبلاستلار شاڭخەيدىكى ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن بۇ توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىسى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى شاڭخەي تىنچ ئوكيان مال-مۈلۈك بىخەتەرلىك سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە خىتاي ساياھەتچىلىرىنى ھەقسىز شەخسىي بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالغان. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بۇ ساياھەتتىن قانچىلىك كىرىم قىلىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ھەقسىز بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە قانچىلىك يۈك بولىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل دېڭىز بويىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلىرىنى ساياھەت قىلىشقا سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغىغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نەپرىتىگە ئۇچراپ، نۇرغۇن خەلقئارا شىركەتلەر بۇ رايون بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

«ئازادلىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ساياھەتتە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەخسۇس تەشۋىقات ۋە مۇلازىمەت جەمئىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلەردە قۇرۇلغان «جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەت قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىتتىپاقى» مانا شۇنداق جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. مەزكۇر ئىتتىپاق 20‏-ماي كۈنى شاڭخەي شەھىرىدە تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي پۇقرالىرىغا ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە خوتەننى تونۇشتۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش يۈرگۈزگەن بىر مەزگىلدە خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ئۇيغۇر رايونىنى ساياھەت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىشى خەلقئاراغا «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى نورمال» دېگەن سىگنالنى بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت