«قوش تىل» مەكتەپلىرىدە خىتاي خەتتاتلىقى ئومۇملاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان
2017.10.07
دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «قوش تىل» مەكتەپلىرىدە خىتاينىڭ خەتتاتلىق ۋە بىر جۈپ بامبۇك تاختىسى بىلەن ئېيتىلىدىغان «كۇەيبەر قوشىقى» مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان.
شىنخۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دائىرىلەر بۇنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ «خىتاي ئورتاق تىلىنى تىز ھەم توغرا ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر باشلانغۇچ مەكتەپلەردىلا ئەمەس، بەلكى يەسلىدىن تارتىپ، تولۇق ئورتىغىچە بولغان بارلىق «قوش تىل» مەكتەپلىرىدە ئورتاق يولغا يولغا قويۇلىدىكەن.
خەۋەردە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر قوش تىل مەكتىپىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ مەكتەپكە خىتاي خەتتاتلىقى ئۆتىلىدىغان مەخسۇس بىر سىنىپ تەسىسى قىلىنغان بولۇپ، سىنىپ خىتاي خەتتاتلىقى ئۆرنەكلىرى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت بۇيۇملار بىلەن بېزەلگەن ئىكەن.
ھالبۇكى خەۋەردە بۇ خىلدىكى سىنىپلارنىڭ باشقا «قوش تىل» مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل سېنتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى «قوش تىل» يەسلىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 1 مىليون 760مىڭدىن ئاشقان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى 100 پىرسەنتكە يەتكۈزۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل سېنتەبىردىكى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىق دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەزى خەۋەرلەردە ئاتالمىش «قوش تىل» مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بارلىق بۇيۇم ۋە سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.