خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇمنىڭ قايتا كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.10.03

خىتاي دائىرىلىرى، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ، ئادەملەرنىڭ ئ‍ۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كارانتىن تەدبىرلىرىگە قارىتا نارازىلىق كۈچىيىپ، كارانتىننى بىكار قىلىش ھەققىدىكى چۇقانلار ئۇلغىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، رايونىدا يۇقۇمنىڭ قايتا كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رايوننىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ، غۇلجا، تۇرپان، كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەھەللە، رايونلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن قامالنى تېخىمۇ ئۇزارتىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىش ئۈچۈن يۇقۇمنى باھانە قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يېرزات جادا 2-ئ‍ۆكتەبىر كەچتە ئ‍اخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئۈرۈمچى ۋاقتى 2-ئۆكتەبىر كېچە سائەت 9 غىچە رايوندا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلاردىن 33 كىشى بايقالغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقۇمدارلارنىڭ 11 نەپىرى غۇلجىدىن، 8 نەپىرى ئۈرۈمچىدىن، 2 نەپىرى شىخۇدىن، 3 نەپىرى تۇرپاندىن، 8 نەپىرى كورلىدىن، بىر نەپىرى قۇمۇلدىن بايقالغانىكەن.

خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلغان رايوندىن كەلگەن بەزى ئۇچۇرلاردا ۋە قازاقىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالغان ئۇچۇرلىرىدا خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىلەرگە دېزىنفېكسىيە قىلىش نامىدا ھاۋادىن دورا چاچقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. رادىيومىز تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن بۇ ئۇچۇرلاردا، بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ دورىنىڭ تەسىرىدە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى، نەپەس يەتمەسلىكتەك ھاياتى تەھدىتكە دۇچار بولغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە رايوندا رەسمىي دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللىك ئالامىتى بار يۇقۇمدارلارنىڭ سانى بىر نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى يوقلارنىڭ ئومۇمى سانى 269 نەپەر ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە رايوندا 60 كۈندىن بېرى يولغا قويۇلغان قامالدا پۇقرالارنىڭ قىينالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئ‍ۆزلىرىنىڭ قامال قىلىش سىياسىتى «يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى» دەپ ئاقلىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.