خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇمنىڭ 18-ئۆكتەبىردىن باشلاپ قايتا بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ «نۆلگە چۈشكەنلىكى» نى ئېلان قىلىپ ئارقىدىنلا يۇقۇمنىڭ قايتا بايقالغانلىقىنى جاكارلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، رايوندىكى ۋىرۇس يۇقۇمىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە بولغان گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى 19-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، 18-ئۆكتەبىر كۈنى كېچە سائەت 24 كېچە رايوندا كېسەللىك ئالامىتى بار يۇقۇمدارلاردىن 6 نەپىرى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلاردىن 116 نەپىرى بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇمدارلارنىڭ سانى نۆل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بېرى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن بىمارلارنىڭ ئ‍ۆي بېسىپ شىددەتلىك كۆپىيىۋاتقانلىقىغا ئائىت ۋىدىيولار خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا كۆپلەپ تارقىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. بۇ ۋىدىيولاردا ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامىدا تارقىتىلغان دورىلارنىڭ «سىرلىق فۇنكسىيەسى»، شۇنداقلا جايلارغا پۈركەلگەن «دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى» غا قارىتا گۇمانلىق سوئاللار سورالغانىدى.

«خىتاي سالامەتلىك» تورىنىڭ 19-ئۆكتەبىر ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن بايقالغان كېسەللىك ئالامىتى بار يۇقۇمدارلارنىڭ 4 نەپىرى ئۈرۈمچىدە، 2 نەپىرى غۇلجادا بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپى ئۈرۈمچىدىن، قالغىنى غۇلجا، شىخۇ، قۇمۇل، تۇرپان ۋە كورلا شەھىرىدىن بايقالغانىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى، 18-ئۆكتەبىر كۈنىگىچە رايوندىكى كېسەللىك ئالامىتى بار ئومۇمى يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 338 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمى سانى 3426 بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.