ئۇيغۇر ئىلى بۇ يىل ئاز كەم 20 مىليارد سوم ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل ئاز كەم 20 مىليارد سوم قىممىتىدە ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىشنى پىلانلىغان.

خىتاي زايوم تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى 2017‏-يىللىق ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىشنى پىلانلىغان تۇنجى رايون ئىكەن. خەۋەردە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ 19 مىليارد 950 مىليون سوملۇق زايوم تارقىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە ئۆسۈمىنىڭ 4.5 پىرسەنت قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 2016‏-يىلقىدىن بىر مىليارد 300 مىليون سوم ئارتۇق ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىدۇ. دائىرىلەر 2016‏-يىلى 3 يىللىق، 5 يىللىق، 7 يىللىق ۋە 10 يىللىق قەرەل بىلەن 18 مىليارد 650 مىليون سوم ھۆكۈمەت زايومى تارقاتقان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زايوم پىلانى، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 21‏-فېۋرال بەلگىلىمە چىقىرىپ، رايون ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ 2017‏-يىللىق زايوم تارقىتىش پىلانىدا «ئەقىلگە مۇۋاپىق» بولۇشنى ۋە قەرز تارقىتىشنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان مەزگىلدە چىقىرىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى داۋاملىق كۆپىيىپ، خىتاي مالىيەسىدىكى زور خەۋپلىك مەسىلىگە ئايلانغان. خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2016‏-يىلى خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قەرزى 17 تېرلىئون 200 مىليارد سومغا يېتىپ، 2015‏-يىلدىكىدىن بىر تېرلىئون 200 مىليارد سوم ئارتقان. ئەمما، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تارقاتقان زايوم بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت