ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئادەتلىنىش مەسىلىسى ئېغىرلاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.08.24

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىنگلىزچە تارقاتقان بىر خەۋەردىن، ئۇيغۇر ئېلىدا ياش ئۆسمۈر بالىلارنىڭ زەھەر چېكىملىك چېكىش مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئۇيغۇر رايونلۇق زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ چاڭجې زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، سېتىش ھادىسىلىرىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى ئېيتىپ «بىز بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشتا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېگەن. ئەمما خەۋەردە بۇنىڭغا ئائىت سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

مەزكۇر خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «پولاتتىن تام ياساپ، ئاسمانغىچە تور سېلىش» دېگەن شوئارى بويىچە بارلىق تېخنىكا ۋە ئادەم كۈچىنى ئاتالمىش «مۇقىملىق» نى قوغداشقا سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىراق، يۇقىرىدىكى ئەمەلدار ياشلار ئارىسىدا زەھەرنىڭ يامراش مەسىلىسىنىڭ سەۋەبىنى كۆرسەتكەندە، بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» رايونىغا يېقىن بولۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.