ئۇيغۇر رايونىدىكى نۆۋەتتىكى باستۇرۇش مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆرسەتمىسى ئىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.09.02

چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ خىتاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 31-ئاۋغۇست قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە بىر قىسىم جامائەت ۋەكىللىرىگە بەرگەن چاي زىياپىتىدىكى تەبرىكىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئىسمائىل ئەھمەت، ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپكە بىنائەن چاي زىياپىتىگە قاتناشقان.

چېن چۇەنگو سۆزىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مۇجەسسەملەپ، ‹بىرىكمە مۇشت› نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.»

ئۇ يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاتالمىش نەتىجىلەرنىڭ «شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، خىتاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ يېتەكلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىپ يۆتكەلگەن ئۆتكەن بىر يىلغا يېقىن جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچى پونكىتلىرى كۆپەيتىلگەندىن سىرت، يەنە 90 مىڭغا يېقىن بىخەتەرلىك خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھەر قايسى ناھىيەلەردە ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، «گۇمانلىق»، «نۇقتىلىق» دەپ قارالغان كىشىلەردىن باشقا، خېلى يىللار ئىلگىرى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن سابىق مەھبۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ساندا ئۇيغۇرلارنى قاماش خاھىشى يامرىغان.

بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىچىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.