تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىرقىي ئايرىمىچىلىق» تۈزۈمىگە ياردەملىشىشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاللىقاچان كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش قىلمىشىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولغان «ئاپارتېيد» (ئىرقىي ئايرىمىچىلىق) تۈزۈمىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا شەكىللىنىۋاتقان «ئاپارتېيد» تۈزۈمىگە ۋاسىتىلىك ھالدا ياردەمدە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدىي مۇلاھىزىلەر دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

18-ئىيۇن كۈنى نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى «قانۇن ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مارك مۇنستېرخېلىم ئىمزاسىدىكى ماقالىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئاپتور بۇ ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاش ئارقىلىق ئۇلارنى تارىختا ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغان «فىزىئولوگىيىلىك نازارەت» سىستېمىسى بويىچە كونترول قىلىشى ھەمدە بۇنىڭغا بىر قىسىم داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى پروفېسسورلارنىڭ ھەمدەمدە بولۇشىنى بىرنەچچە تەرەپتىن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئەينى ۋاقىتتا 19-ئەسىردىكى ئەنگلىيە بىئولوگى فرانسىس گالتوننىڭ «ئىرقىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش» تەجرىبىسىنى سۇيىئىستېمال قىلغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ خىلدىكى تەجرىبىلەر، بولۇپمۇ ئىرقىي كاتېگورىيەگە ئاساسەن ئىنسانلارنى تۈركۈمگە ئايرىش تەدرىجىي ھالدا سەلبىي خاراكتېردىكى قىلمىش، دەپ قارىلىشقا باشلىغان. ئەمما «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن كىشىلەرنى ئىرقىي كاتېگورىيەگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىش ھادىسىسى بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئېھتىياجى قاتارىدا يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. ھالبۇكى، بۇ ھال نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇش ئوبېكتى بولۇشىغا داغدام يول ئېچىپ بەرگەن. 

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكادىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرى دەل مۇشۇ خىل تەجرىبىلەردە زىچ ھەمكارلاشقان. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلاشما تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بولسا ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق نەشرىياتلىرى نەشر قىلغان. بۇ تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇيغۇرلار تەجرىبە ئوبېكتى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «ساقچى دۆلىتى» مېخانىزمى ئاساسىدا بەرپا بولغان «قايتا تەربىيىلەش» نامىدىكى لاگېرلارغا مىليونلاپ قامىلىشى كېلىپ چىققان. 

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى مەيلى بىرلەشمە تەتقىقات بولسۇن ياكى ئۆزئارا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەش بولسۇن ۋە ياكى بۇلارنى نەشر قىلىشقا يول قويۇش بولسۇن جەزمەن چەكلەش كېرەكلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا كۆرۈلۈۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تونۇپ يېتىشكە يېتەرلىك پاكىت بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك بولسا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ گېن تەجرىبىسىدە خىتاي تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشى ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت