خىتاي 2018‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 70 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018‏-يىللىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا 70 مىليارد دوللارغا يېقىن پۇل ئايرىغان.

خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 70 مىليارد دوللارلىق بۇ مەبلەغ ئۈرۈمچى ئايرودرومىنى كېڭەيتىش، تاش يول ۋە تۆمۈر يول سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىغا خەجلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلى «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغى يىلدىن يىلغا ئېشىپ ماڭغان. ئەمما بۇ زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشلار ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىشقا باشلىغان. ئۇلار بۇ زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشلاردا يەرلىك خەلقنىڭ پىكىرى ئېلىنمىغانلىقى، بۇنىڭ خىتاينىڭ رايونغا تېخىمۇ كۆپ نوپۇس يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەييارلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. ئۇلار بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ يەنە سۇ ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي دۆلەتلىك مۇھىت قوغداش مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ سۇ ۋە ئېكولوگىيەلىك بۇلغىنىشى ئېغىرلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايوندىكى ئەمەلدارلارنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە بولغان تونۇشى تەنقىد قىلىنغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋەرلىرىدە، خىتاي مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇھىت مەسىلىسى سەۋەبلىك 1613 نەپەر ئەمەلدارنى جاۋابكارلىققا تارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغان يۇقىرىقى پۇلنىڭ بىر قىسمى سۇ مەنبەلىرىنى قوغداشقا، ئۇل ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشقا ۋە ئېلىكتۇر توكى يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىگە خەجلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا 70 مىليارد دوللار پۇل ئايرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ 24 مىليارد دوللىرى تاش يول قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغان. رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى 1‏-ئايدا تارقاتقان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر 2017‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا 6000 كىلومېتىرلىق تاش يول ياساش پىلانىنى باشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت