«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ئۈرۈمچى يەر ئاستى پويىزىنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى مەمنۇن قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ تۈنۈگۈن، يەنى سەيشەنبە كۈنى تۇنجى بولۇپ يەر ئاستى پويىز يولىدا قاتنىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 17 بېكىتى بولغان ئۈرۈمچى يەر ئاستى پويىز يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 16.5 كىلومېتىر؛ ئۇ بۇ يىل 6-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە قاتناش باشلايدۇ ۋە شەھەر ئىچىدىن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى يېرىم سائەتتىن تۆۋەنگە چۈشۈرىدۇ.

خەۋەردىكى سۈرەتتە پويىزدىن چۈشۈۋاتقان بىرقانچە ئۇيغۇر ئايالنىڭ خۇشال كەيپىياتى كۆرسىتىلگەن ۋە بۇ قۇرۇلۇشتىن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەمنۇنلۇقى ئىشارەت قىلىنغان. ئەمما ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ خىتاي ئاھالىلىرىگە قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار نەپ بەرمەيۋاتقانلىقى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش ۋە ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى بەزىدە تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە دەبدەبىلىك خەۋەر قىلسىمۇ، يەنە بەزى چاغلاردا بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ رايوندىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە نازۇك نۇقتا دەپ تاللىنىپ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىش ئېھتىماللىقى سەۋەبىدىن بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئەنسىز ئۇچۇر ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان قاتتىق تەكشۈرۈش مېتودلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت