دىلشات رىشىت: «100 مىليارد سوملۇق ياردەم خىتاي مەنپەئەتىنى كۈچلەندۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.08.24

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بېيجىڭ بانكىسى ئارىسىدا ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق نامىدا بىر كېلىشىم ئىمزالانغان.

كېلىشىمدە بېيجىڭ بانكىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە نۇقتىلىق تۈرلەر ئۈچۈن كېلىۋاتقان 3 يىل ئىچىدە 100 مىليارد سوم مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يىغىندا جاڭ چۈنشيەن، بۇ كېلىشىمنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا غەمخورلۇقى دەپ مەدھىيىلىگەن.

رايوندىكى بارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە تۈرلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ يۈز مىلياردلىق ياردەمنىڭ رايوندىكى خىتاي مەنپەئەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئىجابىي ئەمەس، بەلكى سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «رايوندا مۇستەملىكىچى ئىقتىسادىي سىياسەتكە خاتىمە بېرىلمىگۈچە، ئۇيغۇر مەنپەئەتىنىڭ دەخلى-تەرۈزدىن ساقلىنىشى مۇمكىن ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ تۈر ياردەملىرى ئارقىلىق «رايوندا يەنە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىلھاملاندۇرماقتا ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چاچماقتا» دەپ ئەيىبلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.