غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە ساياھەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.04.07

6‏-ئاپرېل غۇلجىنىڭ تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن مەھەللىسى قازانچى مەھەللىسىدە ساياھەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلگەن. قازانچى غۇلجا شەھىرىدە ھازىرغا قەدەر چېقىلماي ساقلىنىپ قالغان ئاز ساندىكى سىمۋوللۇق مەھەللىلەرنىڭ بىرى.

بىلال نازىم، ئىلاخۇن كۆككۈز قاتارلىق ئاتاقلىق شائىر، ئەدىب، سەنئەتچىلەر تۇغۇلغان ۋە ياشىغان، ئۇيغۇر مىللىي تۇرمۇشى نىسبەتەن ساغلام ساقلىنىپ كەلگەن بۇ مەھەللە، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئاۋۋال نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىلگاھى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ كىرىش‏-چىقىش ئېغىزلىرىغا دەرۋازا قويۇلغان. ئەمما بەزى يەرلىك ئاھالىلەر، بۇ دەرۋازىلارنىڭ قازانچى مەھەللىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بۇ رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قۇيۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، ئۇيغۇر شەھەرلىرىدىكى قەدىمىي مەھەللە ۋە رەستىلەرنىڭ خىتاي شەھەر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ قاتتىق تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇنداق مەھەللە فېستىۋالى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغدىغاندەك قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىر-ئىككى مەھەللىنى ساقلاپ قېلىپ، قالغان تارىخىي مەھەللە ۋە رەستىلەرنى چىقىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنغان زور بۇزغۇنچىلىقتۇر.

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالماي كەلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق كونا شەھەر رايونىنى چېقىش خىزمىتى پەيشەنبە كۈنى باشلانغان. خىتاينىڭ پىلانى بويىچە، ئۈرۈمچىنىڭ بۇ رايونىدىكى 173 كۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرە چېقىلىدۇ. دائىرىلەر مەزكۇر چېقىش پىلانىغا 130 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6‏-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق غۇلجا قازانچى ساياھەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئۆرپ -ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلى، كىيىم-كېچەك، ھويلا-ئارام مەدەنىيىتى، مېھماندارچىلىق، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ناخشا-ئۇسۇل ئەنئەنىسى نامايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.