شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن قەشقەرگە يەنە 526 نەپەر خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى يۆتكەلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-03-11
Share

خىتاي ھۆكۈمىتى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن يەنە 526 نەپەر خىتاينى قەشقەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا يۆتكىگەن. خىتايچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن بۇ خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قەشقەرنىڭ يىڭىسار ناھىيەسى ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خەۋەردە ئۇلارنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تۈرى بويىچە قەشقەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇش ۋەزىيىتىنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

2018-يىلىدىن باشلاپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن قەشقەرگە كەلگەن بۇنداق ئالىي مەكتەپ پىراكتىكانتلىرىنىڭ سانى 1568 نەپەر ئىكەن.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا زور كۆلەملىك تۇتقۇن باشلىغاندىن بۇيان، قەشقەردىكى ھەر دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار تۇتقۇن قىلىنىپ كېتىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى ئاقساپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پىراكتىكا باھانىسىدە يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى بولۇۋاتقان ئىكەن.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى بۇ خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار 60 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا دەرس بەرمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت