خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا بېرىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاينىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك 9 ئورگىنى بىرلەشمە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا چاقىرغان.

ھۆججەتتە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر يىلى 40 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن. لېكىن خىتاينىڭ شەرقى، ئوتتۇرا ۋە غەربىدىكى ئۆلكىلەرگە چۈشكەن ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالغا قاراپ 12 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئالىدىكەن. مەزكۇر ھۆججەت بۇ ھەپتە «خىتاي ياشلار گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن 270 مىڭ ئوقۇغۇچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «3 نى قوللاش، بىرگە يار-يۆلەك بولۇش» نامىدىكى بۇ ھەرىكىتىدە ئۆتكەن يىلى خىتاي بويىچە 361 مىڭ كىشى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن. بۇلارنىڭ خېلى زور بىر قىسمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

رايوندىكى خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رايونىغا چۈشكەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى يەرلىك كادىرلارنى نازارەت قىلىش ئىكەن. ئىلىدىكى بىر قازاق پۇقراسىنىڭ 22‏-مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى ھۆججەتتە دائىرىلەرنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي ۋە تىبەتكە ئەۋەتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىلىق نازارەت قىلىنىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇ «بۇ تەدبىر ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئىستېمالدىن قالدۇرۇش، ئاندىن ئۇلارغا قارىتا قامالنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «خىتايلارنى پىلانلىق رەۋىشتە ئاساسى قاتلامغا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت