خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ئوقۇتقۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.03.23

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ خەۋەرلەر تورىدىن قارىغاندا، بۇ يىل خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆزىدىنلا 200 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلار» تەركىبىدە ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇنجى تۈركۈمى يېقىندا قۇمۇل ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

خەۋەردە: «ئىچكىرىدىن كەلگەن بۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇمۇلنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يەنە، 423 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە 120 مەكتەپ مۇدىرىنى جېڭجۇدا 3 ئايلىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە «قوش تىللىق مائارىپ سىستېمىسى» نى يۈز پىرسەنت ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى يۆتكەپ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ ئەنە شۇ «قوش تىل» پىلانىنىڭ بىر قىسمى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى رايوندا نارازىلىق قوزغاۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ تەنقىد قىلىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.