خىتاي ھۆكۈمىتى توردا «شىنجاڭدا خىزمەت بار» تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماقتىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-05-04
Share

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 3-ماي كۈنى چىقارغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكەن بىر پەسىلدە 790 قېتىم توردا ۋە نەق مەيداندا خىزمەتچى ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە 260 مىڭ ئادەمگە ئىش ئورنى تەمىنلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى «ھەر ئايدا ئادەم ئېلىش، ھەر ۋاقىت ئادەم ئېلىش مۇلازىمىتى يولغا قويۇش، توردا ئادەم ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش» پىلانى بويىچە چوڭ-كىچىك شەھەرلەردە ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى جەلپ قىلغان؛ «شىنجاڭدا خىزمەت بار» ناملىق توردا بىۋاسىتە تارقىتىش پروگراممىسى ئىشلەپ تارقاتقان ۋە بۈگۈنگىچە 41 سان ئىشلەپ بولغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، 2022-يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توردا خىزمەتكە تونۇشتۇرغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورنى» نىڭ باشلىقى لى جېنجياڭ بۇنىڭدىن كېيىن تور ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە ئۇ يەرگە قامالغانلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش ھەققىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنى ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىدىن، شىركەتلىرىدىن، دۇكانلىرىدىن، يەرلىرىدىن ئايرىپ، لاگېردىكى مەھكۇم قۇللارغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. تەتقىقاتچى دەررېن بايلېرنىڭ «شىنجاڭ نېمىشقا خىتاي كۆچمەنلىرى ئەڭ كۆپ جايلاشقان مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ قالدى؟» ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى خىلمۇ خىل قەبىھ سىياسەتلەر بىلەن ۋەيران قىلىپ، لاگېرغا سولاپ ياكى قۇل ئىشچى قىلىپ، ئۇلاردىن بوش قالغان ئورۇنلارغا كۆچمەن خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغان، ئىچكىرىدە ئىش كۈتۈپ تۇرغانلارنى يۇقىرى تەمىنات بىلەن جەلپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت