خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا داۋاملىق كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئىچكى ئۆلكىلەردىن داۋاملىق كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى يېقىندا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 70 تەك ئىدارە-جەمئىيەتكە 2431 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلان چىقارغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەكېتىلگەن 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەردىن بوش قالغان ئورۇنلارنى داۋاملىق ئىچكىرىدىن قوبۇل قىلغان خىتايلار بىلەن تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۈزلەنمەكتە ئىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 20‏-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەر 2 تۈركۈمگە بۆلۈپ ئېلىنىدىكەن. بىرىنچى تۈركۈمدە 1310 نەپەر، ئىككىنچى تۈركۈمدە 1121 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. خەۋەردە، خىزمەتچىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، نازارەت، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئالىي مەكتەپ ۋە بەزى كەسپىي ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا، مىللىتى، يېشى، ئوقۇش تارىخى، جىنسى، نوپۇسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى شەرتلەرگە چۈشىدىغانلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كادىرلار ۋە خىزمەتچىلەر «ئىككى يۈزلىمىچى»، چەتئەلگە چىققان، ھەجگە بارغان دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، ئىدارە-جەمئىيەت ۋە كەسپىي نۇرغۇن ئورۇن بوش قالغان ئىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بوشلۇقنى ئىچكىرىدىن خىتايلارنى يۆتكەپ چىقىپ تولدۇرۇپلا قالماي، بۇ ئارقىلىق يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت