خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 500 مىڭدىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى 30-ماي كۈنى بىر خەۋەر تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جەمئىي 500 مىڭدىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ خىزمەت كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەمگەككە، بىلىمگە، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى بەرپا قىلغان، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار بەس-بەستە يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىجاد قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن».

ھالبۇكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئەكسىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سەرخىل زىيالىيلىرى ۋە پەن-تېخنىكا ئادەملىرىگە نىشانلىق ھالدا قاتتىق زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن بىلىم ئادەملىرى لاگېرغا قامالدى، قاماق جازاسى ۋە ھەتتا ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالاندى.

تېببىي پەنلەر دوكتورى، پروفېسسورى خالمۇرات غوپۇر، جۇغراپىيە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ، پروفېسسور راھىلە داۋۇت ۋە باشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىلىم-پەن ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلار بۇنىڭ تىپىكى مىسالى بولۇپ، ئۇلار ئېغىر جازالاشلارغا، لاگېرلارغا قاماشقا ئۇچرىدى. ئۇيغۇر ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ ئەركىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى ۋە ئەركىن پىكىر قىلىشى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى «تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يوقالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى» غا ئائىت ئېلان قىلغان 4-قېتىملىق دوكلاتىدا 2017-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان، جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن 435 نەپىرىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلار دوكلاتىدا، بۇ رەقەمنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان زىيالىيلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بىراق تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا ئاكادېمىكلەر-مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت پونكىتىدىن 50ئى قۇرۇلۇپ، 60 نەچچە ئاكادېمىك پونكىتقا كىردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ شۇ دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەتلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئەزاسى 10 مىڭغا يەتتى، دېگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقانلار ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان خىتايلارنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت