خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 28320 ئادەم ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.09

خىتاي رەھبەرلىرى ھەدەپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە يىلتىز تارتىشقا چاقىرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارخانىلارنىڭ جەمئىيەتتىن بۇ يىل جەمئىيەتتىن 28320 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دا تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1395 ئورۇن جەمئىيەتتىن 28320 خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارخانىلار مەملىكەت مىقياسىدىن ئادەم قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىش يەرمەنكىسى ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇ 2020-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەنلەر، ئىشسىزلار ۋە ئىشتىن بوشىتىلغان ۋە ياكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان خىزمەتچىلەرنى مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

يۇقىرىدىكى خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ قانچە ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا 4067، خوتەنگە 8495 نەپەر، ئۈرۈمچىگە 4002 نەپەر قاتارلىق جەمئىي 28320 ئادەم قوبۇل قىلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ھەرخىل ناملار، ھەرخىل سىياسەتلەر بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە ئادەم يۆتكەشنى داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇرلار لاگېرغا قامالغاندىن سىرت، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا يۆتكىلىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتايلارنىڭ ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.