ئاقسۇ ۋىلايىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 10 مىڭ نەپەرگە يېقىن خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.08.16

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۆتكەن 9 ئاي ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 10 مىڭ نەپەرگە يېقىن خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلغان.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش «دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى»، يەنى خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغئا ئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىلا 2017-يىلى 11 ئايدىن ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 9456 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ زور ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 308 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا ۋىلايەتلەرگىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور تۈركۈمدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ساقچى خادىمى ۋە خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى قوبۇل قىلىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدا تەسىس قىلىنغان «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ سولانغانلىقى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى تەمىنات بىلەن تۈركۈملەپ ئادەم يۆتكىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.