3500 خىتاي ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئاتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-07
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى خەلقئارادا كەسكىن تەنقىدلىنىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى جەلپ قىلماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربىي قىسىمغا ياردەم بەرگۈچى پىدائىي ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلۇشى» يېقىندا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان 3500 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن تور ئارقىلىق خىزمەت توختامى تۈزگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى مائارىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە تېببىي ساھەدە خىزمەت قىلىدىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشسىز يۈرۈۋاتقان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ياشلىرى مىڭلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ يۆتكىلىۋاتقاندا، بۇنچە كۆپ خىتاي ئوقۇغۇچىنى ئېلىپ كېلىشنىڭ قويۇق سىياسىي مۇددىئاغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «شۈبھىسىزكى، يۇقىرى مائاش بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ھەمدە داۋاملىشىۋاتقان قىرغىنچىلىق پائالىيەتلىرىگە ھەسسە قوشىدىغان كىشىلەردۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدارلار قوشۇنىنىڭ نامزاتلىرى،» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.