خىتاي دائىرىلىرى 5 ئ‍ۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون ئاھالىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا نۇپۇس يۆتكىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-02
Share

خىتاي دائىرىلىرى 1-نويابىردىن باشلاپ خىتاينىڭ چىڭخەي، گەنسۇ، يۈننەن ئۆلكىلىرى بىلەن تىبەت ۋە ئىچكى موڭغول ئاپتونوم رايونى ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا نۇپۇس يۆتكىشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغان.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىىشىچە، يۇقۇرىقى 5 ئ‍ۆلكە-ئاپتونوم رايوننىڭ نۇپۇس باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلاردىكى ئاھالىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھەرقانداق بىر جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نۇپۇس كۆزنىكىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەنگە نۇپۇس يۆتكەش رەسمىيىتى بېجىرىپ، نۇپۇس گۇۋاھنامىسى ئالالايدىكەن.

«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بۇ تۈزۈمنىڭ ئ‍وخشاشلا ئۇيغۇر ئېلى ۋە بىڭتۇەندىن يۇقۇرىقى ئ‍ۆلكە-ئاپتونوم رايونلارغا نۇپۇس يۆتكەشنىمۇ ئ‍ۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ نۇقتىلىق ھالدا يۇقۇرىقى ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلاردىن ئۇيغۇر ئېلىغا ئاھالە يۆتكەشنى قولايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش، باشقا جايلارغا يۆتكەپ ئەمگەككە سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئ‍ۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىگەن.

چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ بۇ ئ‍ارقىلىق ئۇيغۇر نۇپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىغا دائىر خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. «ئۈرۈمچى كەچىلىك گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئ‍ۆلكىلەر ھالقىغان نۇپۇس يۆتكەش رەسمىيىتى «خىزمەت بىلەن نۇپۇس يۆتكەش، ئالى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا قوبۇل قىلىنغان ياكى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇپۇس يۆتكىشى، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن نۇپۇس يۆتكەش، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش» رەسمىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت