سېناتور مىت رومنېي ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى» دۇنيادىكى ئەڭ زور تەھدىت، «دەپ كۆرسەتتى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.10.03

ئامېرىكادىكى تونۇلغان ۋە نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ بىرى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىت رومنېي خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى زور تەنتەنە بىلەن قۇتلۇقلاۋاتقان 1-ئۆكتەبىر كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ زور تەھدىت،» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ تىۋىتتېر قاتارلىق تور بەتلەر ئارقىلىق ئېلان قىلغان بۇ باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرغا قامىلىش مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «70 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت سۈرۈۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئېغىر بېسىم ۋە چەكلىمە سىياسەتلىرىنى داۋام قىلماقتا، ئۇ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان دېڭىزلارنى ئىگىلىمەكتە ۋە خەلقئارالىق سودا نورملىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلماقتا. ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي قۇدرىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۇ ھاكىممۇتلۇق خىتاي بەلكىم دۇنيادىكى ئەركىنلىككە زور تەھدىت بولغۇسى بىردىن-بىر دۆلەت بولۇشى مۇمكىن.»

مىت رومنىي يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىغا قىلىۋاتقان زومىگەرلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زور كۆلەمدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتى ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى دوست ۋە شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايدىن ئىبارەت بۇ يۈكسېلىۋاتقان خەۋپكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.»

سېناتور مىت رومنېينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا سىياسەت ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.