«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرى: «شىنجاڭدىكى خەلق نەگە كەتتى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.08.06

دۇنيادا نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان ئەنگلىيەنىڭ «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» دۈشەنبە كۈنى ئۇزۇن ھەجىملىك خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قاتتىق باستۇرۇشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا قورقۇنچلۇق بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«شىنجاڭدىكى باستۇرۇش: پۈتۈن خەلق نەگە نەگە كەتتى» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر خەۋەرنى «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئېمىلىي فېڭ ئۈرۈمچىدىن ئەۋەتكەن. خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ پۈتكۈل رايوندا دىجىتال بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇپ چىققانلىقى، يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، نۇرغۇن كىشىنىڭ تېلېفونىدىكى چەكلەنگەن مەزمۇنلار سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە يەنە چەتئەلگە ساياھەت قىلغان، ئائىلە ئەزالىرى چەتئەلدە ياشايدىغان ياكى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە بارغان كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى قۇپقۇرۇق كوچىلار بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي توقۇلمىسىغا قانچىلىك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى،» دېيىلگەن. 

خەۋەردە ئۈرۈمچىدىكى بىر خىتاي تىجارەتچىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «ئىقتىسادى ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر. ئېھتىياجلىق بولغان خىزمەت ئورنىغا ئالغۇدەك ئادەم قالمىدى. سىزنىڭ مېلىڭىزنى سېتىۋالغۇدەك ئادەم يوق. بۇنچىلىك كۆپ كىشى يىغىۋېلىنسا، قانداق بولىدىغانلىقىنى سىز ئويلاپ بېقىڭ» دېگەن.

«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش نۇرغۇن ئائىلىلەرنى تىرە-پېرەڭ قىلىۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە ئىنىسى تۇتقۇن قىلىنغان ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ «بىز ئۇنىڭ نېمە دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلمەيمىز. دائىرىلەر بىزگە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىچكىرىگە بارغانلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە مەخپىي كېسىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى، خالاس» دېگەن.

مەزكۇر ماقالە «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نوپۇزلۇق خەۋەرلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى خەۋىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىللىق يىغىنى باشلىنىش ھارپىسىدا ئېلان قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاينىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئەھۋالى قاراپ چىقىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.