ئۇيغۇرلارنىڭ قامال قىلىنىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.02.13

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ئامىللار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ تەسىرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ يۆنۈلىشى ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش مەقسىتىدە بىرنەچچە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 26-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس خەلقئارالىق يىغىن ئېچىش قارار قىلىندى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلاشما ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلىدىغان بۇ يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ھەمدە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلاردىن جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس، نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى ئالىمى تېڭ بياۋ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خادىمى تىنا ماففورد، رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيتوف قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان، شۇنداقلا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سىياسىي كونتروللۇق ھازىر ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ يېقىندىن بۇيان مۇشۇ خىلدىكى يىغىنلار كۆپلەپ ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈچلۈك دەرىجىدە بىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.