ئۇيغۇر ئېلىدە «غايىب بولغان» تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھېلىھەم ئېنىقسىز تۇرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىغا سولانغانلار ئىچىدە تۈركىيە پۇقرالىقىدىكى 60 تىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «دۆلەت» ناملىق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق، بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن خانقىز قۇربان ۋە ئۇنىڭ ئۈچ كىچىك قېرىندىشى ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى ئاڭلىغان. شۇ كۈنى خانقىزنىڭ ئانىسى ناھايىتى جىددىيلىك ئىچىدە ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ۋە ناھايىتى قورقۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. شۇ كۈندىن بېرى خانقىز ئاتا-ئانىسى ۋە تاغىسىدىن قايتا ئۇچۇر ئالالمىغان.

خانقىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكىگە 40 يىل بولغان بولۇپ، ئۇلار تۈركىيە بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا ئىزچىل بېرىپ-كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقانىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خانقىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش يوقاپ كەتكەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 65 ئەتراپىدا كىشى بار ئىكەن.

تۈركىيە دائىرىلىرى ئەھۋالنى خىتاي تەرەپتىن سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە نەتىجىسى بولمىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاتا-ئانىسىدىن تۇيۇقسىزلا ئايرىلىپ قالغان بۇ 4 بالىنىڭ ناھايىتى ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.

يېقىندا، ئەنگىلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بەرگەن بىر خەۋەردىن قارىغاندا، 2017-يىلىدىن بۇيان لاگېرغا سولانغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاۋسترالىيەنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن تەخمىنەن 17 نەپەر ئۇيغۇر بار ئىكەن. بىراق، لاگېرغا سولانغان 3 نەپەر ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر بولسا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كەلگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت