تىموسىي گروسنىڭ ماقالىسىگە سۈزگۈچ سېلىش قىلمىشى زور بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.05.21

ئىندىئانا شتاتىدىكى رۇس خولمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، دوكتور تىموسىي گروس يېقىندا ياۋروپادىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە برىل نەشرىياتى باشقۇرۇۋاتقان «خىتاي ۋە ئاسىيا: تارىخ تەتقىقاتى ژۇرنىلى» نىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىس توم كلىفنىڭ «نېفت ۋە سۇ: شىنجاڭدىكى خىتايلار» ناملىق كىتابىغا باھا يازغان ئىدى. ئەمما مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى، خوڭكوڭ تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي مەدەنىيىتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى خەن شياۋروڭ ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەمدە لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشىگە مۇناسىۋەتلىك بىرنەچچە ئابزاسنى چىقىرىۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن.

تىموسىي گروس بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەسلى ماقالىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى باشقا جايدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئىلىم دۇنياسىغا سۈزگۈچ سېلىشقا ئۇرۇنۇشتەك بۇ قىلمىشى زور بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى.

ئامېرىكادىكى «ئالىي مائارىپ قوينىدا» تورىدا 20-ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان ئېلزابېز رېددېن ئىمزاسىدىكى ماقالە ئەنە شۇ خىل مۇنازىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خەن شياۋروڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە غۇلغۇلا قوزغالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ «بىرنەچچە ئابزاسنى ئېلىۋېتىش تەكلىپىنىڭ سۈزگۈچ سالغانلىق بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا قىسمەن ئۇقۇشماسلىق بولغانلىقىنى» ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنداقلا «ئەگەر مېنىڭ سۈزگۈچ سېلىش نىيىتىم بولغان بولسا بۇ ماقالىنى باشتىلا رەت قىلغان بولاتتىم» دېگەن.

ھالبۇكى تىموسىي گروس بۇ جەرياندا خەن شياۋروڭنىڭ بۇنىڭدىن بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى» گە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئاقلاپ باش ماقالە يازغانلىقىنى بايقىغان. خەن شياۋروڭ ماقالىسىدە 1990-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىزچىل ۋەقە چىقىپ كەلگەنلىكىنى، 2016-يىلىدىن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە بولسا ھېچقانداق قانلىق ۋەقە يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئالاھىدە مىسال قىلىپ «بۇ ئىككى يىل ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئەڭ تىنچ بولغان مەزگىلى» دەپ تەرىپلىگەن. شۇنداقلا چەتئەل ئاخبارات ساھەسىنى «ھېچقاچان شىنجاڭدا مۇشۇ خىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ بېقىشقا ئىنتىلمىگەن، شۇنداقلا بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىنى ھېچقاچان تىلغا ئالمىغان» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە نۇقتىلىق قىلىپ «ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرلۈكى» نى ئۇ جايدىكى خىتايلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەقلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىشنىڭ تامامەن يوللۇق ئىكەنلىكىنى تەرغىب قىلغان. شۇنداقلا «ئەڭ تۈپلۈك كىشىلىك ھوقۇق ئۇ جايدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ قورقۇنچتىن خالىي ياشىشىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن گاھىدا بەزى ئىككىلەمچى ھەقلەردىن ۋازكېچىشكە توغرا كېلىدۇ» دېيىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا مىليونلاپ ئۇيغۇرلارنى قاماش تەدبىرىنى ئاقلىغان.

ماقالە ئاپتورى ئېلزابىز بۇ مەسىلە ھەققىدە خەن شياۋروڭ بىلەن ئالاقىلەشكەندە ئۇ «مېنىڭ ماقالەم بىلەن تىموسىي گروسنىڭ ماقالىسىنى تەھرىرلەش ئىشىنى بىر-بىرىگە باغلاشقا ئۇرۇنغانلىقىڭىز پۈتۈنلەي تۆھمەت تۈسىنى ئالغان سۈزگۈچ سېلىش قىلمىشىدۇر» دېگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھېچقاچان تىموسىينىڭ ماقالىسىگە سۈزگۈچ سېلىش كويىدا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تىموسىي گروس ئۆزىنىڭ ماقالىسىنى روشەن مەقسەتتىكى سۈزگۈچكە دۇچ كەلگەن، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاۋسترالىيەدىكى خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسلەردىن كەۋىن كاررىكومۇ «بۇ ئېنىقلا ئىلمىي ئەسەرگە سۈزگۈچ سېلىش قىلمىشى» دەپ كۆرسەتكەن. بىرىل نەشرىياتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ياسمىن لەنج «بىز بۇ ئىشتا نەشرىياتىمىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت قائىدىلىرىنىڭ بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.