مالدىۋې كۇبانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باياناتىنى قوللىغانلىقىنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.03.15

ھىندى ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى مالدىۋې كۇبانىڭ 12-مارت كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاقلاپ، 64 دۆلەتكە ۋاكالەتەن ئېلان قىلغان باياناتىنى قوللىغانلىقىنى رەت قىلغان.

مالدىۋېدىكى «رائاججې» تورىنىڭ 14-مارت خەۋەر قىلىشىچە، مالدىۋې ئارىلىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۇبانىڭ ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئاقلاپ ئېلان قىلغان باياناتىنى قوللىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرگە چۈشەنچە بېرىپ، كۇبانىڭ باياناتىنى قوللىمىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا ۋەكىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق كۇبا 12-مارت ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، پاكىستان، شىمالىي كورىيە، بېلۇرۇسىيە قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىپ كېلىۋتاقان 64 دىكتاتۇر دۆلەتكە ۋاكالەتەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى قوللىغان.

باياناتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنلىكى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارڭلاشماسلىقىنى، «باشقا دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى خاتا چۈشۈنىۋالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. كۇبانىڭ باياناتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى مارك لىمون تىۋىتتېردا مالدىۋې ئارىلىنى كۇبانىڭ باياناتىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.