ئۆزبېكىستان ئۆزبېك - قىرغىز چېگراسىغا يۆتكىگەن ئەسكەرلەرنى ئېلىپ چېقىپ كەتتى
2016.03.26
ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئۆزبېك - قىرغىز چېگراسىغا يۆتكىگەن ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە ۋە ھەربىي خادىملارنى ئېلىپ چېقىپ كېتىپ، بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان تىركىشىشىنى ئاياغلاشتۇرغان.
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ قىرغىز چېگرا قاراۋۇللىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن، يەنى 26 - مارت ئەتىگەندە ئېلىپ بېرىلغان.
ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى 18 - مارت ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىختىلاپتا تۇرۇۋاتقان چېگرا بۆلىكىگە 40 نەپەر ئەسكەر، برونېۋىك ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنى يۆتكىگەن.
مەزكۇر ئىختىلاپتىكى رايون قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد ئۆلكىسىگە تەۋە كەربەن يېزىسى بىلەن ئالابۇقا يېزىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر يول ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى يېزىنى تۇتاشتۇرىدىغان يولنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزبېكىستان ئۆزىگە تەۋە، دەپ ئېلان قىلىپ، ئەسكەر يۆتكىگەن ۋە بويىغا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرغان.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى قىرغىز پرېزىدېنتى ئاتامبايېف رەقىبلىرىنىڭ قىرغىز - ئۆزبېك چېگراسىدا قەستەن سۈركىلىش پەيدا قىلىپ، قىرغىزىستاندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
25 - مارت ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تىركىشىشىنى تۈگىتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەتتىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقان بولسىمۇ، برونېۋىكلار ئېلىپ كېتىلمىگەن ئىدى.
ھالبۇكى، 26 - مارت ھەر ئىككى تەرەپ مەزكۇر چېگرادىكى ئەسكەرلىرىنى تامامەن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 1314 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆزبېك - قىرغىز چېگراسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئېنىق ئايرىلمىغان بولغاچقا، بۇ چېگرا رايونلىرىدا دائىم سۈركىلىش يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.









