ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا تۇتۇشىدىغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى توختاتقان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.03.04


ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا تۇتۇشىدىغان تەبئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى تۈرىنى يېقىندا توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۆزبېكىستان سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 2-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باش شىركىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىن خىتايغا تۇتۇشىدىغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنىڭ 4-لىنىيە قۇرۇلۇشىنى توختاتقان. ئالاقىدار مەنبەلەر ئۆزبېكىستان چىقارغان بۇ قارارنىڭ «ۋاقىت چېكى يوق توختىتىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي نېفىت شىركەتلىرى ھەمكارلىقىدىكى بۇ تۈر 2016-يىلى 4-ئايدا ئىش باشلاشنى قارار قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلى 12-ئايغا كېچىككەن. خىتاي زور مىقداردا مەبلەغ سالغان، چېگرا ھالقىغان بۇ زور قۇرۇلۇش بۇ قېتىم ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن تۇيۇقسىز توختىتىلغان.

مەلۇمكى، خىتاي ئۆزىنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسىگە بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىن ھالقىپ چىقىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىغا كۆز تىككەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئېنىرگىيە سودىسىدىن باش تارتىشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سالغان غايەت زور مەبلىغىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۆزبېكىستاننىڭ خىتايغا تۇتۇشىدىغان تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى توختىتىشى يېقىندا پۇتىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دېگەن تەخمىننى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.