ۋىرۇس مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاي شىركەتلىرىنى رەت قىلىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.04.21

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى مەسىلىسىدىكى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى يوشۇرۇش قىلمىشى ھەمدە بۇنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن ئاپەتلىرى كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇشنى باشلىدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېفون شىركەتلىرىدىن بولغان خۇاۋېي گۇرۇھى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتمەكچى بولغان 5G تېلېفون تورى قۇرۇلۇشىدىن ۋاز كەچمەكچى بولۇشى بۇنىڭدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 17-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بورىس جونسون بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ 5G تېلېفون تورى قۇرۇلۇشىغا ئىجازەت بەرگەن بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا قارشى 24 بېلەت تاشلانغان.

نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدىكى يالغانچىلىقلىرى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىش پىكرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىغان. كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى داميەن گرېن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «تېلېفون تورى شىركەتلىرىمىزگە شۇنى ئېيتىپ قويۇش لازىمكى، ھازىر ھۆكۈمىتىمىز خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بۇ ساھەگە چاڭگال سېلىشىنى نۆل پىرسەنتكە چۈشۈرمەكچى،» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتايدىن باشلانغان ۋابانىڭ زىيىنىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تارتىشقا چاقىرغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بورىس جونسون ھۆكۈمىتىنىڭ خۇاۋېي شىركىتى ھەققىدىكى قارارىنى قىزغىن ئالقىشلىغان ھەمدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «بەش كۆز» ناملىق ئىستىخبارات ئىتتىپاقى ئۈچۈن بىر ئاساسلىق مۇشت ئاتقانلىق، دەپ باھالىغان.

بۇ خىلدىكى خىتاي مۇئەسسەسىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكىتى شىۋېتسىيەدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان ھەمدە كوڭزى ئىنىستىتۇتى نامىدىكى «مائارىپ كۆچمە» نۇقتىسىنى تاقاشتا ئەكس ئەتكەن. ئەنگلىيەدىكى «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى 2015-يىلىغا قەدەر ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلگەن. 2005-يىلى خىتاي شىۋېتسىيەدىكى تۇنجى كوڭزى ئىنىستىتۇتىنى ئاچقاندىن كېيىن، شىۋېتسىيەنىڭ «ۋولۋو» شىركىتى خىتاي بازىرىغا كەڭ كۆلەمدە ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئىكەن. ئەمما يېقىندىن بۇيان كۆرۈلگەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىقلار تۈپەيلىدىن بۈگۈن شىۋېتسىيەدىكى ئەڭ ئاخىرقى كوڭزى ئىنىستىتۇتى تاقالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.