خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى خەۋەر قىلىندى


2020.02.13

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان مىليونلىغان تۇتقۇنلارغا پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇلار بۇ مەسىلىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن «ۋىرۇس لاگېرلارغا تەھدىت سالماقتا» دېگەن مەزمۇندىكى خەشتەگ ھەرىكىتى ۋە شۇنداقلا لاگېرلارنى تاقاش ئارقىلىق ۋىرۇس خەۋپىنى ئازايتىش ھەققىدىكى ئىمزا قويۇش ھەرىكەتلىرىنى باشلىغان ئىدى.

ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. 13-فېۋرال كۈنى «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى قاتارلىق ئاخباراتلار بىردەك بۇ مەسىلىگە ئورۇن بەردى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ۋىرۇسنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىلىش خەۋپىنىڭ ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇ ھەقتە فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلنۇر رەيھان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسالارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىگە ئورۇن بەرگەن. ئۇلار سۆزلىرىدە ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، لاگېر تۇتقۇنلىرى ئۈچۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىممۇنىتېت مۇتەخەسسىسى نوربېرت گۇئالدا فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنىڭ يوللۇقلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان شارائىتلىرى ناچار، لاگېرلار تەرتىپسىزلىككە، روھىي بېسىمغا ۋە قورقۇنچقا تولغان. جۈملىدىن بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن لاگېرلاردا ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر شارائىت ھازىرلانغان،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.