سايباغ رايونىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى تارقاتقان ئۇقتۇرۇش «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ جىددىيلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئۈرۈمچىنىڭ سايباغ رايونىغا قاراشلىق «جىڭفۇيۈەن» ئاھالىلەر رايونىدىن چىقىرىلغان بىر ئۇقتۇرۇش «ۋۇخەن ۋىرۇسى» پەيدا قىلغان جىددىي ۋەزىيەتنى يورۇتۇپ بەردى. ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرى ئارقىلىق تارقالغان بۇ ئۇقتۇرۇش 2-ئاينىڭ 2-كۈنى سايباغ رايونىغا تەۋە «جىڭفۇيۈەن» ئاھالىلەر رايونى كومىتېتىدىن چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆۋەندىكىلەر دېيىلگەن:

«نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رايون مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا سەھىيە تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، بىرىنچى دەرىجىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي تۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالنى ۋە ئاھالىلەر رايونىدىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، 3-فېۋرال كۈنى سائەت: 00 10 دىن باشلاپ ئاھالىلەر رايونىمىز تولۇق قامال بىلەن باشقۇرۇلىدۇ.»

«جىڭفۇيۈەن» ئاھالىلەر رايونىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا قامال مەزگىلىدە ئالاھىدە سەۋەبى بولمىغان كىشىلەرنىڭ تالاغا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، تالاغا چىقىدىغانلارنىڭ چوقۇم رۇخسەت كىنىشكىسى بولۇشى كېرەكلىكى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئۇچرىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئاھالىلەر رايونىغا تەۋە بولمىغان كىشىلەرنىڭ كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى، تالاغا چىققۇچىلارنىڭ چوقۇم خىزمەت كىنىشكىسى بولۇشى كېرەكلىكىدەك مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

«تەڭرىتاغ تورى» دا تارقىتىلغان بىر خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غەربىي ئارقا كوچا مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې گومىڭنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «بىز ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە بولغان ئىنسانىي غەمخورلۇق ۋە پسىخىك يېتەكچىلىكنى ياخشى ئىشلەيمىز. تور ئارقىلىق ئاھالىلەرنى ‹ئۆيدە ئولتۇرۇشتا مەن ئەڭ كۈچلۈك› ماۋزۇلۇق مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىمىز» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغىچە رايوندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى 63 نەپەر دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ رەقەمگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. چۈنكى ۋۇخەن شەھىرى قامال ئاستىغا ئېلىنغاندىمۇ ۋۇخەندىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرى توختاپ قالمىغان ئىدى. شۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ۋۇخەندىن ئۇيغۇر رايونىغا قاچقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئاشكارىلانغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت