يېقىنقى 10 كۈندە 1100 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچى كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەركىزى بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.03.02

پۈتۈن خىتاينى كورونا ۋىرۇسى قاپلاپ، نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەر قامال قىلىنغان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ۋىرۇس تارقالغان خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە داۋاملىق يولغا سالماقتا.

خىتايدىكى «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 1‏-مارتتىكى ئۇچۇرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىن 1100 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنغان.

بۇ، 26‏-فېۋرال كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدىن خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىدە يولغا سېلىنغان 242 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2‏-ئاينىڭ 22‏-كۈنى تۇنجى تۈركۈمدە خوتەنلىك 171 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنى خۇنەنگە يولغا سالغانىدى.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن خىتاينى قاپلاپ، نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەر كارانتىنغا ئېلىنغان، نۇرغۇن زاۋۇتلار تاقىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تالاغا چىقىشى چەكلەنگەن مەزگىلدە ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ۋىرۇس تارقالغان بۇ ئۆلكىلەرگە يولغا سېلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا خىتاينىڭ غەرىزىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى «پىلانلىق تەۋەككۈلچىلىك» دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزكۇر پىلانى خەلقئارادا جىددىي سوئال پەيدا قىلماقتا. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى 1‏-مارت كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ، دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارغا مەھسۇلات ئىشلەيدىغان بۇ زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «جۇڭگو خەۋەرلىرى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يولغا سېلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە خوتەنلىك ئىشچىلار ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.