ۋولكىسۋاگېن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى ساتقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىققان
2024.11.27
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن گېرمانىيەنىڭ ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى سېتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىققان.
ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋولكىسۋاگېن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ رايوندىكى زاۋۇتىنى «ئىقتىسادى سەۋەبلەر» دىن ساتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەرلەردە، ۋولكىسۋاگېن باياناتچىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بۇ زاۋۇت 2019-يىلغىچە ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېللىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ 2019-يىلىدىن كېيىن باشقا جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنى تارقىتىش مەركىزى بولۇش رولىنى ئويناپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ زاۋۇتتا سودا مەسىلىسىنىڭ يوقلۇقى» نى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
ۋولكىسۋاگېن باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋولكىسۋاگېن توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ «زور بېسىمى» غا دۇچ كېلىپ، ۋولكسۋاگېننىڭ «ئىشلەپچىقىرىش تورىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش زۆرۈرىيىتى» تۇغۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېللىق ئاپتوموبىللارغا بولغان تەلەپ ئازايغان» ئىكەن. ۋولكىسۋاگېن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى «ئىقتىسادى سەۋەبلەر» دىن ساتقانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما بۇ شىركەت 2013-يىلى ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغاندىن بېرى، گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ بۇ زاۋۇتنى تاقاش توغرىسىدىكى بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىدىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ۋولكىسۋاگېن شىركىتىگە بولغان بېسىمى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
خەلقئارانىڭ بېسىمىدا ۋولكىسۋاگېن 2023-يىلى مەخسۇس ئەمگەك مۇپەتتىشى ياللاپ، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز، ۋولكسۋاگېننىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېغىر ساختىلىق بارلىقىنى ئاشكارىلاپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا ۋولكسۋاگېننىڭ دوكلاتىدىكى ساختىلىقنى ئاشكارىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى سېتىشى دىققەت قوزغىماقتا.
CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋولكىسۋاگېن 27-نويابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «شاڭخەي لىنگاڭ تەرەققىيات گۇرۇھى» قاراشلىق «شاڭخەي موتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مەركىزى» (SMVIC) گە سېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋولكىسۋاگېن باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتنىڭ تەخمىنەن 170 تەك خىزمەتچىسى ساقلاپ قېلىنىدىكەن.









