ۋول-سىترېت ژۇرنىلى: «ئۈرۈمچىدە كوچىلار قۇرۇق، دۇكانلار تاقاق، مەسچىتلەر جىمجىت»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.03.20

«ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇخبىرلىرى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

«ئىتائەتمەن شەھەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان مەھەللىرىنىڭ بىت-چىت قىلىنغانلىقى» تېما قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە رايوننىڭ لاگېرلار قۇرۇلۇشتىن ئاۋۋالقى ۋە نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتى ئۈستىدە سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىلغان.

ئىككى يىل ئاۋۋالقى قايناق بازار ۋە مەھەللىلەردىن كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن خەۋەردە رايوندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاھالىلەر مەركەزلەشكەن كوچىلاردا ئادەم شالاڭلاپ كەتكەنلىكى، دۇكانلارنىڭ تاقالغانلىقى، مەسچىتلەرنى جىمجىتلىق باسقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ يامالىق (خېيجاسەن) رايوندىكى ئىلگىرى مەۋجۇت بىر مەھەللىدىكى ئۆيلەر پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەن. تاشلاندۇق بىر ئۆينىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقى قادالغان.

خەۋەردە مەزكۇر كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە رادىيومىز مۇخبىرى گۈلچېھرەنىڭ تەسىراتلىرىدىن نەقىللەر ئېلىنغان. گۈلچېھرە ئۆزى چوڭ بولغان مەھەللە ۋە مەدەنىيەتنىڭ بەربات بولغانلىقى، بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قېيىنلىقىنى بايان قىلغان. خەۋەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ب ب ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى تەنقىد پىكىرلىرى ئەسلىتىپ ئۆتۈلۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئەمدى تەنقىد زامانى ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت زامانىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.