ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.04.17

ئۇيغۇرلار دىيارىدا بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان «يېپىق تەربىيە» دولقۇنىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تاشقى دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن 19-ئاپرېل كۈنى، يەنى پەيشەنبە چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ھەمدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى ۋە توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى قاتارلىقلار يېقىندىن قوللىغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مۇناسىۋەتلىك زاتلار ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش» دولقۇنى ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىدىكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىكەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن ۋەكىللەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر جامائىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن نامايىش قىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، شارائىتى يار بەرگەن ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنى شۇ كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋە چوڭايتىلغان رەسىملىرىنى ئېلىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن داۋاملىق ئۈمىد كۈتۈپ يۈرمەسلىك» كە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.