«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا سوزۇلغان «قارا قولى» نى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-01-05
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي چېگراسىدىن ھالقىپ غەرب ئەللىرىدىكى ئۆكتىچىلەرگە يېتىپ كېلىشى ئامېرىكادىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەك كۆپ بولغان نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ئېلان قىلغان تەھرىرات ماقالىسىدە كەسكىن تەنقىدلەندى.

4-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان تەھرىرات ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى تەنقىدچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تولىمۇ ئۆكتەملەرچە پائالىيەتتە بولۇشى «ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان ۋەقە» دەپ ئەيىبلەندى. ئۇلار بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ 2018-يىلى سېنتەبىردە غايىب بولغانلىقى، ئۇنىڭ سىڭلىسى روشەن ئ‍ابباسنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن «ئۆچ ئېلىش» ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا گۈلشەن ئابباسنى «تېررورلۇق گۇرۇھىغا قاتناشقان» دېگەن ئەيىب بىلەن 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. شۇنداقلا ئۇنىڭ قىزى زىبا مۇراتنىڭ «ئانام بىر دوختۇر. ئۇ ھېچقانداق سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ باقمىغان» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق گۈلشەن ئابباسقا بۇنچە ئېغىر قاماق جازاسى بېرىشتىكى بىردىن-بىر مەقسەتنىڭ ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى تۇغقانلىرىنى جازالاش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەھرىرات ماقالىسىدە مىسال ئېلىنغان يەنە بىر ۋەقە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياش ئەكبەر ئەسئەتنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بولغان. ماقالىدا ئاۋاتلىق دەرىجىسى بەكمۇ يۇقىرى بولغان تور بەت ئېچىش ئارقىلىق «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىگە كۆۋرۈك ياراتقان» ئەكبەرگە ئوخشاش بىر شەخسكە «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دېگەن جىنايەتنىڭ ئارتىلىشى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغانلىقى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت